ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «يىدۇتۇن» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.
1كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى،
مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.
2مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم،
كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم،
تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.
3ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ،
يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ
4سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم،
كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم.
5ياد ئېتىمەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى،
يىراق ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى.
6ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى،
ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:
7رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟
ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
8ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟
ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟
9خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟
رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ
10ئاندىن مەن دېدىم: «مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى شۇكى،
ئۇلۇغ خۇدا ئەمدى بېشىمىزنى سىلىمايدىغان بولدى.»
11ياد ئېتىمەن ئىگەم ياردەملىرىڭنى،
قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى.
12زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا،
بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.
13ئى خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر،
ئۇلۇغلۇقىڭ ئالەمدە يېگانىدۇر.
14مۆجىزىلەر ئىگىسى بولغان خۇدادۇرسەن،
قۇدرىتىڭنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەنسەن.
15قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى،
ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى. سېلاھ
16ئى خۇدا، سۇلار* سېنى كۆرگىنىدە
تىترەپ سەندىن قورققانىدى.
دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى.
17قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ،
ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ،
نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى.
18قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى،
چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى،
ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى.
19سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ،
ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ،
لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ.
20يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك،
مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.