« زەبۇر »

87

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇڭلۇق مۇناجات

1مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر* تۇرار.

2پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن

سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.

3ئەي خۇدانىڭ شەھىرى،

شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ

4راخابلىق* ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا،*

فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا.

دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»

5سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار:

«سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»،

ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.

6يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار:

«بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ

7ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار:

«ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»



*1خۇدا قۇرغان شەھەر _ سىئون شەھىرىنى، يەنى يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ.

*4راخاب _ مىسىرنىڭ لەقىمىدۇر.

*44-ئايەت خۇدانىڭ ئېيتقان بىۋاسىتە سۆزلىرىدۇر.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى