سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 22- باب

28ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىدىن قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر. 30ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 2خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 3مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

1بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 22- باب

1ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. 2شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى. 3لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئىشلار قالمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ. 4ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ. 5ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.

6پەرىشتە ماڭا:

_ بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

1ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. 2مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»

5بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى. 6ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. 7غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. 8لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

21ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.

22شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. 23شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ. 24دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 25شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ. 26ھەرقايسى خەلقلەر شانۇشەۋكىتىنى ۋە ئىززىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 27ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 7- باب

9ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. 10ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 11پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:

12«ئامىن! مەدھىيە، شان-شەرەپ،

دانالىق ۋە تەشەككۈر،

ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت

خۇدايىمىزغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن. ئامىن!» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 7- باب

16ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. 17چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر