ئادەم ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 1- باب

26ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى _ دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.

27بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،

ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،

شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا ئەمر قىلىپ:

_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە. 17ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا:

_ ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن. 18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن بولساڭ يەردىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن. 19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! _ دېدى.

20ئادەمئاتا ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ئىدى. 21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

14شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتىدىن تاكى مۇسا پەيغەمبەرگىچە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھەتتا ئادەمئاتىنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان ئىنسانلارمۇ ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىدى.

ئادەمئاتا پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، كېيىن كەلگەن مەسىھمۇ پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر قىلدى. 15ۋەھالەنكى، ئادەمئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

22پۈتكۈل ئىنسان ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى