خۇدا مۇتلەق ئۇلۇغدۇر

« زەبۇر » 8- مۇناجات

1ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار،

شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە،

شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە. [داۋامى]

« زەبۇر » 19- مۇناجات

1ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى،

ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى.

2توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن،

تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن.

3ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ گەرچە ئۇلار تىللىرىنى،

چىقارمىغان بولسىمۇ گەرچە ئۇلار ئۈنلىرىنى.

4تىۋىشلىرى يېيىلىپ كەتكەن تامام يەر يۈزىگە،

خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە.

قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا،

5چىقار ئۇندىن قۇياش ئوخشاپ تويى بولغان ئوغۇلغا.

شادلىنار ئۇ ئوخشاپ گويا يۈگۈرۈشكە چىققان پالۋانغا.

6ئۆرلىسە ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن،

بارار چۆرگۈلەپ يەنە بىر چېتىگىچە،

قاچالماس ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن. [داۋامى]

« زەبۇر » 29- مۇناجات

1ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.

2تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا،

سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا.

3پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا،

گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا،

ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.

4پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر،

پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 24- باب

16پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە، تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى. 17بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا بولسا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 40- باب

34ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇت قاپلاپ، چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن تولدى. 35مۇسا چېدىرغا كىرەلمىدى. چۈنكى، بۇلۇت چېدىر ئۈستىگە قونۇپ، چېدىر ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى بىلەن تولغانىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 42- باب

8مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر.

ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.

مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 33- باب

5پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ.

ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 2- باب

10سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ،

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟!

ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!

11ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ،

ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 66- باب

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەرش مېنىڭ تەختىم،

زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر،

سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

14«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

40ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

23چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

36ھېچكىم! چۈنكى، پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

9شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ،

ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى.

10شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات

ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،

11ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 4- باب

8تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر،

ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى

ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»

9تىرىك مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، 10يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى. تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا قويۇشۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى:

11«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز!

شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن.

چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ.

ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

23شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ. 24دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 25شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى