سوئال

« زەبۇر » 56- مۇناجات

3-4ئىشەنچ قىلدىم ساڭا خۇدا قورققان چېغىمدا،

ۋەدىلىرىڭ بولغاچ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا.

ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا،

قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا. [داۋامى]

« زەبۇر » 27- مۇناجات

1نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار،

مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟

ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار،

يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

28تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار. 29ئىككى قۇشقاچنى بىر تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ يەرگە چۈشمەس. 30سىلەرگە كەلسەك، ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. 31شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار. چۈنكى، سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر