سوئال

مۇقەددەس كىتابنىڭ بايانى بويىچە پەيغەمبەرلەر گۇناھتىن خالىي ئەمەس. مەسىلەن:

تەۋرات، « سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم » 11- باب

1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب بىلەن لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى.

2بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىنىدە، ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 3داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ:

_ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.

4داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يېڭىدىن ساقايغان بولۇپ، ئەمدىلا تازىلىنىپ بولغانىدى). كېيىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

5ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.

6داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

7ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

8ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى.

ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.

9ئۇرىيا بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى.

10«ئۇرىيا ئۆيىگە قايتماپتۇ» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ ئۇرىيانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن سەپەردىن كېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە بارمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

11ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرى دالادا يېتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيگە قايتىپ يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، _ دېدى.

12_ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قويىمەن، _ دېدى داۋۇت ئۇرىياغا. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى. 13ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، كەچ بولغاندا ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى.

14ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيا ئارقىلىق ئەۋەتتى. 15ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت، ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار» دەپ يازغانىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 2- باب

11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12ئەتراپىغا قاراپ «باشقا ئادەم يوققۇ» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13ئەتىسى، مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە:

_ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.

14ھېلىقى كىشى:

_ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار جەزمەن بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.

15پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق، مۇسا ئۇنىڭدىن قېچىپ، مىديان دېگەن دۆلەتكە باردى.

بىر كۈنى، ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

1بىر كۈنى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى!

3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. [داۋامى]

گۇناھتىن خالىي بولغان بىرسى بار:

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

21خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

21چۈنكى، سىلەر مانا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتكە چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى. 22مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.» 23ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى. 24ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 5ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 6شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر