سوئال

خۇدانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تاللىشى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 12- باب

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى:

_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.

2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.

3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، 6سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا، كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشاۋاتاتتى.

7پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

شۇڭا، ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى. 8كېيىن، ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 9كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا يۆتكەلدى. [داۋامى]

خۇدانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 15- باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

2لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەر بولىدۇ. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى.

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە:

_ سېنى بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سېنى كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار مەن بولىمەن، _ دېدى.

8لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مەن بۇ زېمىنغا جەزمەن ئىگە بولىدىغانلىقىمنى نېمىدىن بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

9پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۈچ ياشلىق كالا، ئۆچكە، قوچقاردىن ھەم پاختەك ۋە ياش كەپتەردىن بىردىن ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى. گۆشلەرنى ئىككى تەرەپكە قاتار قىلىپ تىزدى. 11قۇزغۇنلار ئۇچۇشۇپ كېلىپ، گۆشلەرگە قونغاندا، ئىبرام ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 12كۈن پاتقاندا، ئىبرام ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە ئۇنى قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق باستى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر دۆلەتتە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئۇلار تەرىپىدىن ئازاب چېكىدۇ. 14لېكىن، مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ دۆلەتتىن قايتقىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. 15سەن بولساڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلمايمەن.

17كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېلىقى ئىككى قاتار گۆشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 18-19مانا شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ مۇنداق دېدى:

_ مەن مىسىر چېگرىسىدىن تاكى فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، كادمونلار، 20خىتلار، پەرىززىلەر، رافاھلار، [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 17- باب

3ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

4_ مېنىڭ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم مۇنداق: سەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى، مەن سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. 6مەن ساڭا كۆپ ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى خەلق ۋە پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ. 7مەن سەن ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما، بۇ پۈتۈن زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مىراس بولسۇن. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسىدۇرمەن! [داۋامى]

ئەھدىنىڭ بەلگىسى - خەتنە

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 17- باب

9خۇدا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭمۇ مېنىڭ ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇشۇڭلار كېرەك. 10سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. 11-12ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنى، مەيلى ئۆيۈڭلاردا تۇغۇلغان ياكى چەت ئەللىكلەردىن سېتىۋالغان قۇللىرىڭلار تۇغقان بولسۇن، ئۇلارنى تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىشىڭلار كېرەك. خەتنە قىلىش _ ئارىمىزدا تۈزگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 13ھەممە ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە _ ئارىمىزدىكى تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 14خەتنە قىلىنمىغان ئەرنى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

7-8ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، يۈز يەتمىش بەش يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. 9ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر مامرە دېگەن يەرگە يېقىن بولۇپ، بۇرۇن خىت قەبىلىسىدىن بولغان سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى ئىدى. 10ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 11ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بېئېر-لاھايروي دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر