سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 4- باب

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى.

3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. 4ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. 5بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

6شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا:

_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.

8كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا:

_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

9پەرۋەردىگار قابىلدىن:

_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 11سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر