سارە~ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 11- باب

29ئىبرام ساراھقا ئۆيلەندى، ناخور بولسا ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە ئىسكاھ دېگەن بالىسىمۇ بار ئىدى. 30ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

31تەراھ ئوغلى ئىبرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان دېگەن رايونغا كەتمەكچىدى. بىراق، ئۇلار ھاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32تەراھ ئىككى يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 12- باب

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى:

_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.

2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.

3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 16- باب

1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم ئۇ ماڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرەر، _ دېدى.

ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. (بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا ئون يىل تۇرغاندا يۈز بەردى.) 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سېزىپ مەغرۇرلىنىپ، ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى.

5ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ:

_ ھەممىنى قىلغان سەن! مەن ھەجەرنى ساڭا قوشۇپ قويغان. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى بىلىپلا، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. سېنىڭ ياكى مېنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.

6ئىبرام:

_ ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سېنىڭ ئىختىيارىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

بۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلدى، شۇڭا ھەجەر ئىبرامنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 17- باب

15بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «ئايال شاھزادە»] بولسۇن. 16مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساڭا بىر ئوغۇل تەقدىم قىلىمەن. سارە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ.

17ئىبراھىم يەرگە باش قويۇپ، كۈلۈپ، كۆڭلىدە «يۈز ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە بولسا توقسان ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 18- باب

8-9ئاندىن، ئىبراھىم قايماق، سۈت ۋە گۆشنى ئۈچ مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى. ئۆزى بولسا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن دەرەخ سايىسىدە كۈتۈپ تۇردى. تاماق يەۋاتقاندا، ئۇلار ئىبراھىمدىن:

_ ئايالىڭ سارە قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى.

_ چېدىردا، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10مېھمان سىياقىدىكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ كېلەر يىلى بۇ چاغدا، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.

سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىر ئاغزىدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

11ئۇ چاغدا، ئىبراھىم بىلەن سارە ئىككىلىسى قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى. 12شۇڭا، سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ قالدىم، ئېرىممۇ قېرىپ قالغان تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قەيەردىن كەلسۇن؟!» دېدى.

13شۇڭا، پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا:

_ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداقمۇ ھامىلىدار بولالاي؟!» دەيدۇ؟ 14پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش يوق ئەمەسمۇ! ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى دەل مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. ئۇ چاغدا، سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 20- باب

1ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ئولتۇردى. كېيىن گىراردا تۇرغان ۋاقتىدا، 2كىشىلەرگە ئايالى سارەنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسى، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، گىرار پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈردى. 3بىر كۈنى كېچىسى، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:

_ پات ئارىدا جېنىڭنى ئالىمەن! چۈنكى، سەن ئەكەلگەن بۇ ئايال باشقا كىشىنىڭ ئايالى، _ دېدى.

4سارەگە يېقىنلاشمىغان ئابىمەلەك خۇداغا:

_ مەن گۇناھسىز تۇرسام، سەن مېنى ۋە مېنىڭ خەلقىمنى ھالاك قىلامسەن؟ 5ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال مېنىڭ سىڭلىم، دېگەنغۇ! بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى مېنىڭ ئاكام، دېگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىشنى پاك ۋىجدانىم ۋە ئىنساپىم بىلەن قىلدىم! _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 21- باب

1پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. 2سارە ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلدى. 3ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. 4خۇدا بۇيرۇغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.

5ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.

6سارە ئۆزىگە: «خۇدا مېنى خۇرسەن قىلدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇش كۈلىدۇ! 7كىم سارەنى ئۆز بالىسىنى ئېمىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 22- باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:

_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ لەببەي! _ دېدى.

2خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.

3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 23- باب

1سارە يۈز يىگىرمە يەتتە ياش ئۆمۈر كۆردى. 2ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

18ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ، ئىبراھىم يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.» 19ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. 20ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 9- باب

8دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇغۇلغان ئەۋلادلارلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 9چۈنكى، ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

11گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

5بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. 6مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى