ئامانلىق

« زەبۇر » 4- مۇناجات

8ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان،

چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى

پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن. [داۋامى]

« زەبۇر » 34- مۇناجات

13تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن،

چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

14يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

20يامان نىيەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلىگەرلىك بولار.

تىنچ-ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىق تاپار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

7پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى،

پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

9تىنچلىق تەرەپدارلىرى نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى پەرزەنتىم دەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 2- باب

13بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:

14«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن!

ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە:

_ بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

27سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

33بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

6بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 7بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. 8گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 15- باب

13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

16ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

14كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 3- باب

16ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 17لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ. 18تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

10خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار

تىلىنى يامانلىقتىن، ئاغزىنى ھىيلە-مىكىرلىك سۆزلەردىن يىراق تۇتسۇن.

11يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن،

ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى