گۇمانلىنىش

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.

7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.

8شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ،

يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

30لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا:

_ رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى.

31ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ _ دېدى.

32ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

22ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ خۇداغا ئىشىنىڭلار. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ.

24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

5ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 6بىراق، ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 7-8بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن، دەپ ئويلىمىسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يەھۇدا يازغان خەت » 1- باب

22ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار. 23بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى