قورقۇنچ

« زەبۇر » 16- مۇناجات

8پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا،

ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.

9شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە،

بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە. [داۋامى]

« زەبۇر » 23- مۇناجات

1قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن. [داۋامى]

« زەبۇر » 27- مۇناجات

1نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار،

مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟

ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار،

يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟

2رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم،

گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.

3ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا،

قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا.

ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە،

تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا. [داۋامى]

« زەبۇر » 37- مۇناجات

1رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما،

يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.

2چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا،

مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.

3ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا،

تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

4شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى،

ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 1- باب

7پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

26پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار،

ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.

27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بۇلىقىدۇر ھاياتلىقنىڭ،

كىشىنى خالىي قىلار تۇزىقىدىن ئۆلۈمنىڭ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

23پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا،

ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

17گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما،

پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.

18بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ.

يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

1قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار،

شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

15ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

16بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 17مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز. 18مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى، قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل ئەمەستۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى