مېھماندارچىلىق

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

20ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى،

ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 25- باب

34ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس _ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! 35چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، 36يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

37ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز سىزنى قاچان ئاچ كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ سۇ بەردۇق؟ 38سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ 39سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 40بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

41ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار! 42چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، 43مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.

44ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 45بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلمىغاننى ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. 46بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

40سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 41بىر پەيغەمبەرنى خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلار پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاش ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. دۇرۇس ئادەمنى ئۇنىڭ دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلارمۇ شۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. 42بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى دەپ، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىگە ھەتتا بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

41بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ھەتتا بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

12ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى:

_ مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ. 13شۇنىڭ ئۈچۈن، زىياپەت بەرمەكچى بولسىڭىز، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرىڭ. 14بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن، خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

13خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

23ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. بۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 24ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

9ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ياردەم بېرىلىدىغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلار چوقۇم ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى ۋە يېشى ئاتمىشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. 10ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

2ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

7دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار. 8ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇن گۇناھلارنى كەچۈرگۈزۈۋېتىدۇ. 9بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار. 10خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى