يات ئادەملەر

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

9ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى بوزەك قىلما. چۈنكى، مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

28مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. 29دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

14ئەيسا مەسىھ بىز يەھۇدىيلار بىلەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئىناقلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى. ئۇ بىزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى ئايرىۋەتكەن دۈشمەنلىك توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. 15ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ تېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۈچىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىنسان قىلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ئىناقلاشتۇرۇشتۇر. 16ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇش ئارقىلىق بىر تەن قىلىپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خۇدا بىلەن ياراشتۇردى. 17ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. 18دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.

19شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار. 20ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان بىنا بولۇپ، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ بىنانىڭ ئاساسى، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر. 21ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز رەببىمىزگە بېغىشلانغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا بولۇش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسمەكتىمىز. 22ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بىز يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق تۇرىدىغان ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنىۋاتىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

11بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 3- باب

1سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. 2ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن.

3چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق. 4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. 7بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى