پىتنە- پاسات ھەققىدە

« زەبۇر » 15- مۇناجات

2ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە:

توغرا يولدا ماڭىدىغانلار،

ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار،

ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

3باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار،

دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار،

قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

19پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى،

ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

18ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان.

ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

28جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى،

بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

19چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

21چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

28ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى. 29ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى. 30ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 31نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 32ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

8ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 9شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ، 10يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 3- باب

11خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

2ئۇ چاغدا، ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغان، 3كۆيۈمسىز، باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. 4ئۇلار ساتقۇن، تەلۋە ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ، كەيپ-ساپانى خۇدادىن ياخشى كۆرىدۇ. 5سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 2- باب

3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

1شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار. 2-3سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى