تەبىئىي دۇنيا ئۈستىدىن بولغان ھوقۇق

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

1مۇسا قېيناتىسى، مىديان روھانىيسى يېترو (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. بىر كۈنى، ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى. 2ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىكەنلىكتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن مۇساغا تۇيۇقسىز كۆرۈندى. مۇسا تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، تىكەنلىك نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى.

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.

5خۇدا ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، _ دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 4- باب

1بىراق، مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمەي، سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.

2پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن:

_ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا ئۇنىڭدىن قاچتى. 4پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ كەتتى. 5پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى.

6پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ ئەمدى قولۇڭنى قوينۇڭغا سال، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىپ قارىۋىدى، قولىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەنىدى. 7ئاندىن، پەرۋەردىگار:

_ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سال، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 14- باب

10ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن ئىنتايىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى. 11ئۇلار مۇساغا:

_ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمۇسىز؟ ئەجەبا، مىسىردا بىز ياتقۇدەك گۆرمۇ تېپىلماسمىدى؟ 12ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى.

13بىراق، مۇسا ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 14پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

15پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. 16ئاندىن، تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن. شۇنداقتا، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ-دە، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ. 17مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقۇمنى بىلىدۇ. 18مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، _ دېدى.

19ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ كەينىگە ئۆتۈپ، 20مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى، لېكىن ئىسرائىللارنى يورۇتتى. شۇڭا، مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى.

21مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى. دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا بولدى. 22ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇقتىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. 23مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىردى. 24تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىغا قاراپ، ئۇلارنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. 25ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇلار داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار:

_ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى. تېز قاچايلى! _ دېيىشتى.

26پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ دېڭىزغا قولۇڭنى ئۇزات، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى. 27بۇ، تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. بۇنىڭ بىلەن، سۇ يەنە ئەسلىگە قايتتى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئىچىدىن قاچتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزدا ھالاك قىلىۋەتتى. 28دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى. 29لېكىن، ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈندى. 30ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى. 31ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

1بىر كۈنى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى!

3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى.

4بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتكەنىدى، دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن چىقىپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 1- باب

11بوران-چاپقۇنلار ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ بىز ساڭا نېمە قىلساق دېڭىز دولقۇنى بىز ئۈچۈن پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 12يۇنۇس ئۇلارغا:

_ مەن شۇنى بىلىمەنكى، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەر مۇشۇ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار. مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى سىلەر ئۈچۈن پەسىيىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

13كېمىچىلەر ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى-يۇ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى، چۈنكى بوران-چاپقۇنلار بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققانىدى. 14شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىزدىن بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. ئى پەرۋەردىگار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلغانسەن، _ دەپ يالۋۇردى.

15ئاندىن كېيىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىغانىدى، بوران شۇئان بېسىلدى. 16كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرگەچكە پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشتى ۋە قەسەملەر بېرىشتى.

17پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 4- باب

2شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغىنىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئۆز-ئۆزۈمگە ئېيتمىغانمىدىم؟! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم. سەن ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانسەن. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىسپانىيەگە قاچمىغانمىدىم؟! 3ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!

4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئولتۇردى. ئۇ بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىغا نەزەر سالدى. 6پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاپاق پەلىكىنى ئۈندۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېيىلدۇردى. يۇنۇس بولسا قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پەلىكىنى يەپ، ئۇنى كېسىپ قۇرۇتۇۋەتتى. 8كۈن چىققاندا، خۇدا كۈن چىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقارغانىدى، قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.

9لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن:

_ سېنىڭ بۇ قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولۇپ قالدىم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.

10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۆزۈڭ يا ئۆستۈرمەي، يا ئۇنىڭغا ئەمگەك سىڭدۈرمەي، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى يوق بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پەلىكىگە شۇنچە ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

22بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆزىدىن ئاۋۋال ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. 23ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. 24بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى ئۇزاقتا دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تەستە ئىلگىرىلەۋاتاتتى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى.

25تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى. 26شاگىرتلار ئۇنىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەھىمىگە چۈشتى.

_ ئۇ بىر ئالۋاستى! _ دېيىشىپ، قورقۇپ چۇقان سېلىشىپ كەتتى.

27لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:

_ خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! _ دېدى.

28پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ ئى رەببىم، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا ئەمر قىلىڭ، _ دېدى.

29_ كەل، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ھەزرىتى ئەيساغا قاراپ ماڭدى. 30لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا:

_ رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى.

31ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ _ دېدى.

32ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. 33شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ:

_ سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

24ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئۇستازىڭلار ئىبادەتخانا بېجىنى تۆلىمەمدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

25_ تۆلەيدۇ، _ دېدى پېترۇس.

پېترۇس ئۆيگە كەلگەندە، ئۇ تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

_ سىمۇن، سېنىڭچە دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

26پېترۇس:

_ باشقىلاردىن، _ دېيىشى بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ. 27بىراق، باج يىغقۇچىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيلى، كۆلگە بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ، بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

18ئەتىسى ئەتىگەندە ھەزرىتى ئەيسا شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 19ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ:

_ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! _ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.

20بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ھەيران بولۇپ:

_ ئەنجۈر دەرىخى قانداقچە بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى! _ دەپ سورىدى.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر قىلچە گۇمانلانماي خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەن ئەنجۈر دەرىخىگە قىلغاننى سىلەرمۇ قىلالايسىلەر. ھەتتا بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلارمۇ، دېگىنىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. 22ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى. 4تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا:

_ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، _ دېدى.

5_ ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، _ دېدى سىمۇن، _ بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى. 7ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. 8بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! _ دېدى. 9چۈنكى، سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقىدىن ھەيران بولغانىدى. 10باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى _ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا:

_ قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، _ دېدى.

11ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

22بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا:

_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يولغا چىقتى. 23كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى. 24شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:

25_ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ _ دېدى.

شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دەپ كېتىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا تىبېرىيە كۆلىنىڭ بويىدا شاگىرتلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: 2سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى. 3سىمۇن پېترۇس:

_ مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، _ دېدى.

كۆپچىلىك:

_ بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، _ دېيىشتى.

ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى. 4تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا:

_ بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

6_ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا:

_ بۇ رەببىمىزغۇ! _ دېدى.

سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى. 8قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس، تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى. 9ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق بار گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. 10ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

11سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى