دانىيال ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « دانىيال » 1- باب

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. 2ئىگىمىز خۇدا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.

3بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان قىلىپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر. 4بۇ ياش يىگىتلەر يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، بىلىمى مول، ئەقىللىق، ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىل تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى. 5پادىشاھ ئۇلارغا كۈندە ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.

6بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى. 7ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى: دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 1- باب

8دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىقنى قارار قىلىپ، ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت بېرىشىنى سورىدى. 9خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى. 10ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا روھسىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.

11دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن خانانيا، مىشائېل، ئازاريا ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:

12_ سىلى بىز خىزمەتكارلىرىغا كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ باقسىلا. 13كېيىن بىزنى، ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلە، ئاندىن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەھۋالغا قاراپ بىزنى ئورۇنلاشتۇرسىلا!

14قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. 15ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قامىتى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ كۆرۈندى. 16قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى.

17خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.

18پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. 19پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى. 20پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 6- باب

1پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى. 2ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن دانىيال بىلەن يەنە باشقا ئىككى ئادەمنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. 3دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى. 4دانىيالنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. ئەمما دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:

_ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك ئىكەن، _ دېيىشتى.

6شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى:

_ پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 7پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈشلىرىگە كېلىشتۇق. سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرسىلە. 8پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرسىلە، ئۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس شۇنداق بىر يازما پەرماننى چۈشۈردى.

10دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئىبادەت قىلىۋەردى. 11پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 12ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە.

_ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

13ئۇلار پادىشاھقا يەنە:

_ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

14پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى. 15كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!

17بىر قورام تاش بىلەن ئۇۋا ئېغىزى ئېتىپ قويۇلدى. ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قورام تاشقا ئۆزىنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرىنىمۇ باستى. 18پادىشاھ ئوردىغا يېنىپ كېلىپ، كېچىچە بىر نەرسە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم ئۇخلىمىدى.

19ئەتىسى سۈبھى بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر ئۇۋىسىغا يول ئالدى. 20ئۇ شىر ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قايغۇلۇق ئاۋاز بىلەن:

_ دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى، سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

21دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 22مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنمەن.

23پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ساق-سالامەت ئۇۋىدىن چىقتى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. 24شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى شىر ئۇۋىسىنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، سۆڭەكلىرىنى چايناپ، ئېزىۋەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 9- باب

1مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى. 2ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر يەرەمىياغا ۋەھىي قىلغان: «يېرۇسالېم ۋەيرانچىلىقتا 70 يىل تۇرۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇدۇم. 3شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم. 4دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئىقرار قىلدىم:

«ئى ئىگەم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 5بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولغا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق؛ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتتۇق. 6سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى.

7ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللارنىڭ يۈزىمىز نومۇستىن قىزارماقتا. 8ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز. 9ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل ۋە ئەپۇچان. 10بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. 11بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى، گېپىڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى. 12سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ، بىزگە زور بالا-قازانى ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى. 13بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭگە بويسۇنماي، سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق. 14شۇڭا پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى سالدىڭ. سەن بىزگە ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق.

15ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، بۇ قۇدرىتىڭ سېنىڭ نامىڭنى ھازىرغىچە ئېسىمىزدە قالدۇردى. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق. 16ئىگىمىز، بۇرۇن بىزگە كۆرسەتكەن ھەققانىي ئىشلىرىڭدەك ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېم _ مۇقەددەس تېغىڭدىن غەزەپ-نەپرىتىڭنى نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.

17ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. 18ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز. 19ئى ئىگىمىز، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن كېچىكمىگىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭ». [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى