« مەرسىيەلەر »

3

پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاش

1ئازاب چەككەن ئىنسانمەن خۇدانىڭ غەزەپ تايىقىدا.

2زۇلمەتكە باشلاپ كىردى ئۇ مېنى،

كۆرسەتمەيدۇ ئۇ ماڭا قۇياش نۇرىنى.

3بەرھەق، ئۇ كۈنبويى زەربە بېرەر،

ماڭا تىنماي ھۇجۇم قىلار.

4شەلۋەرەتتى ئەت ۋە تېرەمنى،

سۇندۇردى ئۇستىخانلىرىمنى.

5ھەر جەھەتتىن ئازابلار مېنى،

تېتىدىم جەبىر-زۇلۇمنى.

6مەھكۇم قىلدى مېنى زۇلمەتكە،

ئوخشاپ قالدىم خېلى بۇرۇن ئۆلگەن ئادەمگە.

7قاچمىسۇن دەپ، قاماپ قويدى ئۇ مېنى،

شۇنچە ئېغىر كىشەن بىلەن كىشەنلەپ تېنىمنى.

8قىلساممۇ گەر يىغلاپ نىدا،

قۇلاق سالماس دۇئايىمغا.

9تاشلار بىلەن توسۇپ ماڭار يولۇمنى،

شۇنچە قىيىن قىلدى مېنىڭ مېڭىشىمنى.

10ئېيىق كەبى پايلاپ تۇرار ئۇ مېنى بۆكتۈرمىدە،

پۇرسەت كەلسە شىر كەبى ئېتىلماق بولۇپ ئۈستۈمگە.

11يولدىن سۆرەپ بىر چەتكە مېنى،

تاشلاپ قويار پارچە-پارچە قىلىپ تېنىمنى.

12خۇدا تارتىپ ياسىنى،

نىشان قىلدى مېنى.

13يادىن ئۈزۈلگەن ئوقلىرى،

تەشتى مېنىڭ يۈرىكىمنى.

14قالدىم پۈتۈن خەلقنىڭ مەسخىرىسىگە،

مازاق قىلار كۈنبويى قېتىپ بېيىتگە.

15ئۇ مېنى سالدى ئازابقا،

دەرد تارتتىم يەتكۈچە.

16توپىغا مىلەپ چەيلىدى ئۇ مېنى،

تاشلار بىلەن چاقتى چىشلىرىمنى.

17يوقاتتى ئۇ تىنچلىقىمنى،

ئۇنتۇدۇم شادلىقنىڭ نېمىلىكىنى.

18دېدىم «قالمىدى ھېچ دەرمانىم،

ئۈزۈلدى پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم.»

19ئويلىسام دەرد تارتقان، سەرگەردان كۈنلىرىمنى،

ئەسلەيمەن ئەمەن ۋە ئۆتنىڭ قىرتاق تەملىرىنى.

20بۇ مەنزىرىلەر قاپلاپ قەلبىمنى

شۇنچە ئېغىر باسار روھىمنى.

21بىراق ئويلىسام پەرۋەردىگارنى،

يوقاتمايمەن ئۈمىدىمنى.

22توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى،

ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى.

23ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر،

ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.

24بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى،

شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.

25بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا،

ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا.

26پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش گۈزەلدۇر شۇڭا.

27پايدىلىقتۇر تەربىيە ئېلىش ياشلىقتا.

28تەنھا ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىل

پەرۋەردىگاردىن تەربىيە ئالغاندا.

29ئىتائەتچانلىق بىلەن باش قوي زېمىنغا،

بەلكىم بىرەر ئۈمىد باردۇر يەنىلا.

30تەربىيەچىگە تۇتۇپ بەرگىن مەڭزىڭنى،

رەت قىلماي ئاڭلىغىن تىل-ئاھانەتلىرىنى.

31ئىگىمىز تاشلىماس بىزنى مەڭگۈگە.

32گەرچە ئۇ ئازار بەرسىمۇ بىزگە،

شاپائەت قىلار ئۇ يەنە،

چۈنكى ئۇ ئىگىدۇر چەكسىز مۇھەببەتكە.

33ئىگىمىز ئادەملەرنى ئازابلاشنى، قىيناشنى خالىمايدۇ.

34يۇرتتىكى ئەسىرلەرنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقىنى،

35ئادەملەرنىڭ ئادالەتتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى،

ئۇلۇغ خۇدا بىلىپ تۇرىدۇ.

36سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى،

ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.

37ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى،

ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟

38ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟

39بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن،

قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟

40قاراپ باقايلى يولىمىزغا،

قايتايلى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا.

41قولىمىزنى سوزۇپ يۇقىرىغا،

چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى ئەرشتىكى خۇداغا:

42«گۇناھ قىلدۇق، يۈز ئۆرۈدۇق،

كەچۈرمىدىڭ سەن بىزنى.

43غەزەپ بىلەن قوغلاپ ئارقىمىزدىن،

رەھىمسىزلەرچە قىردىڭ بىزنى.

44يوشۇرۇۋالغاچقا سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇتلار ئارىسىغا،

بارالمىدى دۇئايىمىز سېنىڭ يېنىڭغا.

45ئەللەر ئارا ئايلاندۇردۇڭ بىزنى كېرەكسىز داشقالغا.

46دۈشمىنىمىز كۈلۈشۈپ، مازاق قىلار بىزنى مانا.

47چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا،

يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»

48خەلقىمنىڭ ھالاكىتىدىن كۆز يېشىم بولدى دەريا.

49ياش توختىماس كۆزۈمدىن، توختىماس ئەسلا،

50پەرۋەردىگار ئەرشتىن باقمىغۇچە ھالىمىزغا.

51كۆرسەم شەھەردىكى ئاياللارنى،

كۆرگەنلىرىم ئازابلايدۇ قەلبىمنى.

52سەۋەبسىزلا دۈشمەن بولۇپ ماڭا ئادەملەر،

قۇشقاچ تۇتماقچى بولغاندەك قوغلايدۇ ئۇلار.

53چوڭقۇر ئورىغا تاشلاپ ئۇلار مېنى،

ئەتتى تاش بىلەن ئورىنىڭ ئاغزىنى.

54سۇ باستى مېنى،

ئۆلدۈم، دېدىم ئىچىمدە.

55ئى پەرۋەردىگار،

چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.

56ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى،

قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.

57ئىلتىجا قىلسام ساڭا،

كېلىپ مېنىڭ يېنىمغا:

«قورقما» دېدىڭ ماڭا.

58ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى.

59ئى پەرۋەردىگار،

كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى،

گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!

60بىلدىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچلۈكىنى،

قىلغان بارلىق سۇيىقەستلىرىنى.

61ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىدىڭ ئۇلارنىڭ مېنى قانداق تىللىغانلىقىنى،

ماڭا قانداق سۇيىقەست قىلغانلىقىنى.

62ئۇلار ماڭا تۆھمەت قىلار، قارشى تۇرار كۈنبويى.

63قارا! ئەتىگەندىن كەچكىچە نېمە قىلسا ئۇلار،

ناخشىلىرىدا مېنى مەسخىرە قىلار.

64ئى پەرۋەردىگار،

ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!

65ئۆتۈنەي، ئەندىشە سېلىپ دىلىغا،

لەنەتىڭنى چۈشۈرگەيسەن ئۇلارغا.

66ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي،

غەزەپ بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئۇلارنى،

يوق قىلغايسەن دۇنيادىن تامامىنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى