« سەردارلار »

1

ئىسرائىللارنىڭ كەنئان زېمىنىنى داۋاملىق ئىشغال قىلىشى

1يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن:

_ كەنئان زېمىنىدىكى قوۋملار بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.

2پەرۋەردىگار جاۋابەن:

_ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

3-4شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە:

_ بىزگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ شىمون قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 5ئۇلار ئۇ يەردە پادىشاھ ئادونى-بەزەق ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى مەغلۇپ قىلدى. 6ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى.

7ئادونى-بەزەق:

_ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.

8يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 9كەينىدىنلا ئۇلار تاغلىق رايوندا، جەنۇبىي چۆللۈكتە، غەربىي ئېدىرلىق 10ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىق سەركەردىلەرنى مەغلۇپ قىلدى.

11يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

12يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب:

_ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

13ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. 14بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن:

_ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 15ئاكساھ:

_ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

16مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 17يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىللە زىفات شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇ شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى* . ئۇ جايغا خۇرماھ* دەپ ئىسىم قويدى. 18يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىشغال قىلدى. 19پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىشغال قىلالىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى. 20مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناق قوۋمىدىن بولغان ئۈچ سەركەردىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. 21لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار ئۇ يەردە ھازىرغىچە بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.

22-23يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى* بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولغانىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتتى. 24ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا:

_ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.

25ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى، شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلارنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى. 26كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىل قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان قوۋملار

27ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، ئىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. 28ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى.

29ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىللە ياشىدى.

30زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.

31ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. 32ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى. 33نافتالى قەبىلىسىمۇ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى، لېكىن ئۇلارنى قۇل قىلدى.

34دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى. 35ئامورلار ئاييالون، شائالبىم، شەھەرلىرىدە ۋە خەرەس تاغلىق رايونىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. لېكىن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى كۈچىيىپ، ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. 36ئامورلارنىڭ چېگراسى چايان داۋىنىدىن باشلىنىپ، سەلا دېگەن يەردىن يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغانىدى.



*17تەلتۆكۈس ۋايران قىلىش _ بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ «ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

*17خۇرماھ _ ئىبرانىي تىلىدا «ھالاكەت» دېگەن مەنىدە.

*22-23يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى _ ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى