« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

17

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيا

1يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يامانلىقتا ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىدىن ئېشىپ كەتمىدى.

3ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ، ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. 4كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئولپان تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبى

5ئاسسۇر پادىشاھى پۈتۈن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلىپ تۇردى. 6ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.

7چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇداغا قارشى تۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. 8ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلدى. 9ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشتى. 10شۇنداقلا ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن تاش ئابىدە ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلىدى. 11ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش، شۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ ھەم يامان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 12گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇتلارغا چوقۇندى.

13پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى ۋە غايىبنى بىلگۈچىلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيەگە: «سىلەر يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، 14لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماستىن، خۇددى پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىدەك، بوينى قاتتىقلىق قىلدى. 15ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلىپ، كېرەكسىز بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ كېرەكسىز قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى: «ئەتراپىدىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى. 16ئۇلار پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن موزاي شەكلىدە ئىككى بۇت ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ياساپ، ئاسماندىكى ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى. 17ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

18شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 19ئەمما يەھۇدىيەلىكلەرمۇ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يولىنى تۇتتى. 20نەتىجىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 21پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋۇت جەمەتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. ياروبئام ئىسرائىلىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھقا يېتەكلىدى. 22ئىسرائىلىيەلىكلەر ياروبئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزمىدى. 23ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشىماقتا.

يات خەلقلەرنىڭ سامارىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

24ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيەنى ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى. 25ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى، شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26بىرسى ئاسسۇر پادىشاھىغا:

_ ئۆزلىرى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولدى، _ دېدى.

27شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى:

_ سىلەر سامارىيەدىن ئەسىر ئالغان روھانىيلارنىڭ بىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ، خەلققە شۇ يەردىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆگەتسۇن، _ دەپ بۇيرۇق بەردى.

28شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدىن ئەسىرگە ئېلىنغان روھانىيلاردىن بىرى بەيتەلگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگاردىن قانداق ئەيمىنىشنى ئۆگەتتى. 29لېكىن ھەربىر مىللەت خەلقلىرى يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە مىللەت خەلقلىرى ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى. 30بابىللىقلار سۇككوت-بىنوت بۇتىنى، كۇتاھلىقلار نېرگال بۇتىنى، خاماتلىقلار ئاشىما بۇتىنى، 31ئىۋۋاھلىقلار نىبخاز ۋە تارتاق بۇتىنى ياساشتى. سىفارۋايىملىقلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ، سەفەرۋايىم خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە تەقدىم قىلدى. 32ئۇلار بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنى ئۆز ئىچىدىن تاللاپ چىقتى. 33ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان ئانا يۇرتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ ئىبادەت قىلاتتى.

34سامارىيەلىكلەر ھازىرغىچە يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم «ئىسرائىل» دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە. 35پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا، سەجدە قىلىشىڭلارغا ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. 36لېكىن سىلەر ھەممە يەرگە يېتىدىغان قولى ۋە كۈچلۈك بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار. 37سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قانۇن-قائىدىلىرىمگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىشقا دىققەت قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنماڭلار. 38مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار. 39سىلەر، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ئەمر قىلغانىدى. 40بىراق سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر بۇنىڭغا قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئىش قىلىپ كەلدى. 41شۇنداق قىلىپ بۇ خەلقلەر بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تاكى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى