« ئاموس »

5

توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىش

1ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار:

2«پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى،

ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى.

ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا،

يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»

3ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان مىڭ جەڭچىدىن،

پەقەت يۈزى ئامان قايتىپ كېلەر.

يەنە بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان يۈز جەڭچىدىن،

پەقەت ئونى ئامان قايتىپ كېلەر.»

4پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«ھايات قالىسىلەر مېنى ئىزدىسەڭلار!

5لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار!

گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار!

بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار!

چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ،

بەيتەل يوقىلىدۇ.»

6پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھايات قالىسىلەر.

بولمىسا، ئەي يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى،

پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوتتەك يوپۇرۇلىدۇ.

بۇ ئۆچمەس ئوت بەيتەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

7سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار،

ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار.

8پەرۋەردىگار ئۈكەر ۋە ئورىيون يۇلتۇزلىرىنى ياراتقۇچىدۇر.

ئۇ ئايلاندۇرغۇچىدۇر قاراڭغۇلۇقنى تاڭغا،

كۈندۈزنى ھەم كېچىگە.

ئۇ دېڭىزدىن سۇ ئېلىپ سەپكۈچىدۇر زېمىنغا،

«ياھۋەھ»دۇر ئۇنىڭ نامى.

9ئۇ كۈچلۈكلەرنى ھالاك قىلار،

قورغانلىرىنى ۋەيران قىلار.

10سىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئادالەتنى ياقىلىغۇچى ئاقساقاللارغا ئۆچ،

سىلەر ھەق سۆزلىگەنلەردىن بىزار.

11سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ،

ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر.

شۇڭا سىلەر تاراشلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر،

ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.

12قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى،

گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن.

سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر،

شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.

13شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا،

ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.

14سىلەر رەزىللىك ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق ھەققىدە ئىزدىنىڭلار،

شۇندىلا ھايات قالىسىلەر،

ھەمدە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزۈڭلار ئېيتقاندەك سىلەرگە يار بولىدۇ.

15يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار.

شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار.

شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.

16ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد،

ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ.

دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا،

مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.

17پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ،

چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى

18پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىسىلەر؟

بۇ كۈن يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ!

19ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ،

ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە،

ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.

20پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇ كۈنىدە قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، يورۇقلۇق بولمايدۇ.

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.

22گەرچە سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار

ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلساڭلارمۇ،

مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن.

سىلەرنىڭ بوردىغان سېمىز موزىيىڭلاردىن سۇنىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارغا پەرۋايىم پەلەك.

23ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئېيتقان مۇناجاتلىرىڭلارنى مەندىن يىراق قىلىڭلار.

چىلتارلىرىڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق.

24بۇنىڭ ئورنىغا ئادالىتىڭلار ئېقىن سۇدەك،

ھەققانىيلىقىڭلار قۇرماس دەريادەك ئاقسۇن.

25ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟ 26ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىي شاھىڭلار سىكۇت ۋە يۇلتۇز ئىلاھىڭلار كىيۇننى كۆتۈرۈپ يۈرىسىلەر. 27شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى