« ئايۇپ »

28

ئەقىل-پاراسەت قېنى؟

1«كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار.

2تۆمۈر يەردىن قېزىپ ئېلىنىدۇ، ئېرىتىلگەن تاشتىن مىس چىقىرىلىدۇ.

3ئىنسانلار قاپقاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ،

ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۈشۈپ،

شۇ قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ.

4ئادەملەر ئادەمزاتسىز يىراق جايلاردا،

ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلاردا كانلار ئېچىپ،

چوڭقۇرلۇقلاردا ئارقانلارغا ئېسىلىپ، پۇلاڭلىشىدۇ.

5يەر ئۈستىدىن ئاشلىق ئالىدۇ،

يەر ئاستى بولسا يېنىپ، ئاستىن-ئۈستۈن بولىدۇ

6يەر ئاستىدىكى تاشلاردىن كۆك ياقۇت چىقىدۇ،

قۇم ئىچىدە ئالتۇن كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.

7كان يولىنى ئوۋ قۇشلىرى بىلمەيدۇ،

لاچىنمۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس.

8يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەرلەرگە ئاياغ باسمىغان،

شىرلارمۇ ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىگەن.

9ئىنسانلار قاتتىق تاشلارنى تېشىپ،

تاغ تۈۋىنى ئاچىدۇ.

10قىيا تاشلاردىن تونېل ئېچىپ،

خەزىنىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ.

11ئۇلار ئېقىنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ،

بايلىقلارنى نامايان قىلىدۇ.

12لېكىن، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟

ئەقىل-پاراسەت قەيەردىن كېلىدۇ؟

13ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى ئىنسان بىلمەيدۇ،

بۇ ئالەمدە ئادەم ئۇنى تاپالمايدۇ.

14چوڭقۇرلۇق: ‹ئۇ يوقتۇر مەندە› دەيدۇ،

دېڭىز: ‹ئۇ يوقتۇر بۇ يەردە› دەيدۇ.

15ئەقىل-پاراسەتنى ساپ ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدۇ،

ئۇنىڭ قىممىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

16ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

17ئۇنى ئالتۇن ۋە گۆھەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،

ساپ ئالتۇن ئىدىشلار بىلەن تېگىشكىلى بولمايدۇ.

18ئۇنى سەدەپ ۋە خىرۇستال بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ،

قىزىل ياقۇتنىڭ قىممىتىمۇ ئۇنىڭغا ئەسلا يەتمەيدۇ.

19ئۇنى كۇشتىن ئەكەلگەن توپاز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،

ساپ ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.

20ئۇنداقتا، دانالىق قەيەردىن كېلىدۇ؟

ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى نەدە؟

21ئۇ پىنھاندۇر، مەخلۇقاتلار كۆرەلمەس،

يوشۇرۇندۇر، ئۇچار قاناتلار بايقىيالماس.

22ئۆلۈكلەر ماكانى ۋە ئۆلۈم دەيدۇ:

‹بىز كوچا گەپلىرىدىن ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان›.

23خۇدا بىلەر پاراسەتنىڭ يولىنى، ئۇنىڭ بار يېرىنى.

24چۈنكى خۇدا كۆرەر زېمىننىڭ ئۇ چېتىنى،

كۆزىتەر پۈتكۈل ئالەمنى.

25شامالغا كۈچ، سۇغا سىغىمچانلىق،

26يامغۇرغا پاسىل، چاقماققا يول بېكىتىلگەندە،

27ئۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،

ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەپ مۇقىملىدى.

28خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: ‹پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر،

رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى