« نەخەمىيا »

4

سېپىل قۇرۇلۇشىغا بولغان توسقۇنلۇق

1بىزنىڭ شەھەر سېپىلىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغان سانباللات ناھايىتى خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا بىز يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلىپ، 2ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا:

_ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلار بۇ سېپىلنى يېڭىباشتىن بىنا قىلماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرىمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل-قوقاسقا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەلەمدۇ؟ _ دېدى.

3ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

_ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى. 4مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم:

«ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى تالان-تاراج قىلىپ، ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغايسەن. 5ئۇلار قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»

6ھەممەيلەن چىن دىلى بىلەن ئىشلىگەچكە، سېپىلنى يېرىم تام قوپۇرۇپ، تۇتاشتۇردۇق.

7سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شورىلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. 8ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى. 9بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلۈك قاراۋۇللارنى قويدۇق.

10لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشچىلار بارغانسېرى ھالىدىن كەتتى. نۇرغۇن كېرەكسىز تاش پارچىلىرى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى. 11شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. 12دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار قايتا-قايتا كېلىپ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار ھەر تەرەپتىن بىزگە ھۇجۇم قوزغىماقچى!» دېدى. 13شۇڭا مەن ئادەملەرنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىنىڭ كەينىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم. 14ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلقلەرگە چاقىرىق قىلىپ:

_ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.

15دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھەممىمىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ بېرىپ، سېپىل قۇرۇلۇشىمىز بىلەن مەشغۇل بولدۇق. 16-17شۇ چاغدىن باشلاپ، خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. قوماندانلار سېپىل قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ كەينىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى. 18قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ھەممىسى بېلىگە قىلىچ ئاسقانىدى. جەڭگە بۇرغا چالغۇچىمۇ يېنىمدا تۇراتتى. 19مەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۈتكۈل خەلققە:

_ قىلىدىغان ئىش كۆپ ھەمدە سېپىلنىڭ ھەممە يېرىدە بار. سېپىلدا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق. 20سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مېنىڭ يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىز بىلەن بىر نەپەستە بولىدۇ، _ دېدىم.

21شۇڭا سەھەردە يۇلتۇزلار كۆرۈنگىچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق. 22شۇ ۋاقىتتا مەن ئادەملەرگە:

_ ھەربىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى كېچىسى يېرۇسالېمدا قونۇپ قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى قۇرۇلۇشچى بولسۇن، _ دېدىم.

23بۇ مەزگىلدە ھېچقايسىمىز _ مەن، تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىممۇ ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە ھەممىمىز قولىمىزدىن قورالنى چۈشۈرمىدۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى