« ئوبادىيا »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586-يىلى بابىل قوشۇنلىرى يەھۇدىيەنىڭ پايتەختى يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلغاندا، قوشنا پادىشاھلىق بولغان ئىدوم بۇ شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا قاتناشتى. ئىدوملىقلار قېچىۋاتقان يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تۇتۇپ بابىللارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بابىللار ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى قۇل قىلدى. ئىدوم خەلقى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئەساۋ ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئىدى، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيەلىكلەر ئىدى. گەرچە ئىدوم خەلقى يەھۇدىيە خەلقى بىلەن قېرىنداش خەلق بولسىمۇ، ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەلىكلەرگە ھېچقانداق ھېسداشلىق قىلمىدى.

كۆپ قىسىم يەھۇدىيەلىكلەر سۈرگۈن قىلىنغاندا، ئوبادىيا پەيغەمبەر يېرۇسالېمدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇ، ئىدوملۇقلارنىڭ، بېشىغا كۈن چۈشكەن قوشنىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە پادىشاھلىقنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىدۇ.

تېزىس:

  1. ئىدومنىڭ جازالىنىشى (1-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە)
  2. خۇدانىڭ سوراق كۈنىنىڭ يېقىنلىشى (15-ئايەتتىن 21-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى