« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

17

قەدىمكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ خەتنە

1ئىبرام توقسان توققۇز يېشىدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بول. 2مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، _ دېدى.

3ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

4_ مېنىڭ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم مۇنداق: سەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى، مەن سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. 6مەن ساڭا كۆپ ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى خەلق ۋە پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ. 7مەن سەن ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما، بۇ پۈتۈن زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مىراس بولسۇن. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسىدۇرمەن!

9خۇدا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭمۇ مېنىڭ ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇشۇڭلار كېرەك. 10سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. 11-12ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنى، مەيلى ئۆيۈڭلاردا تۇغۇلغان ياكى چەت ئەللىكلەردىن سېتىۋالغان قۇللىرىڭلار تۇغقان بولسۇن، ئۇلارنى تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىشىڭلار كېرەك. خەتنە قىلىش _ ئارىمىزدا تۈزگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 13ھەممە ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە _ ئارىمىزدىكى تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 14خەتنە قىلىنمىغان ئەرنى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان بولىدۇ.

15بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «ئايال شاھزادە»] بولسۇن. 16مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساڭا بىر ئوغۇل تەقدىم قىلىمەن. سارە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ.

17ئىبراھىم يەرگە باش قويۇپ، كۈلۈپ، كۆڭلىدە «يۈز ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە بولسا توقسان ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى 18ۋە خۇداغا:

_ ئىسمائىلنى بەختكە ئېرىشتۈرسەڭ بولدىغۇ! _ دېدى.

19لېكىن، خۇدا مۇنداق دېدى:

_ ياق، ھەجەر ئەمەس، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەنمۇ مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 20ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇ توغرىسىدىكى تەلىپىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن. ئۇ ئون ئىككى پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىمەن. 21بىراق، مېنىڭ ئەھدەم بولسا كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل _ ئىسھاق بىلەن باغلىنىشلىق.

22خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.

23مانا شۇ كۈنى، ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەرنى، جۈملىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە سېتىۋالغان قۇللارنى خەتنە قىلدۇردى. 24ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشتا، 25ئىسمائىل خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. 26-27ئىككىسى، ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەر، جۈملىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە چەت ئەللىكلەردىن سېتىۋېلىنغان قۇللار بىلەن بىللە شۇ كۈن ئىچىدە خەتنە قىلىندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى