« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

33

ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى

1ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى كىچىك خوتۇنىغا بۆلۈپ بەردى. 2ئۇ ئىككى كىچىك خوتۇنىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە، راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 3ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك يەتتە قېتىم ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

4ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. 5ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ:

_ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ياقۇپ:

_ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى تەقدىم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6ئاندىن، ئىككى كىچىك خوتۇنى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7كەينىدىن، لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

8ئەساۋ يەنە:

_ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەقسىتىم _ ياخشى بولۇپ قالايلى، دەپ ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.

9بىراق، ئەساۋ:

_ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.

10_ ياق، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلساڭ، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن. سەن مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىڭ، دىدارىڭنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 11مېنىڭ ساڭا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن، خۇدا ماڭا مېھرىبانلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ.

ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.

12_ ئەمىسە ماڭايلى! مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، _ دېدى ئەساۋ.

13بىراق، ياقۇپ:

_ سەن بىلىسەن، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، بۇ موزاي، قوزىلار تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغان. شۇڭلاشقا، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر يەنە بىر كۈنلا ماڭىدىغان بولساق، ھەممە كالا، قويلار ھالاك بولىدۇ. 14سەن ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇر. كالا، قوي ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك مېڭىپ، سەن بىلەن سەئىردە كۆرۈشەي، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

15_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرنەچچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ.

لېكىن، ياقۇپ:

_ ئۇنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىككىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ قالغىنى كۇپايە، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

16شۇنىڭ بىلەن، ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى. 17ياقۇپ بولسا سۇككوت يېزىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى.

18ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىككە چېدىرلىرىنى تىكتى. 19ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. (شەكەم ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.) 20ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى