« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

13

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى

1داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزباشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. 2-3ئاندىن داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا جۈملىدىن شەھەرلەر ۋە ئوتلاقلاردا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارغا: «ئالدىمىزغا يىغىلىپ كېلىڭلار» دەپ خەۋەر يەتكۈزەيلى. بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىغانىدى.

4بۇ ئىشنى پۈتۈن جامائەت توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.

ئۇززا ۋە ئەھدە ساندۇقى

5شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى. 6داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. 7ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. 8داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

9ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. 10ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى. 11داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى» دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

12شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. 13شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكەلمەي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 14خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى