« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

6

لاۋىيلار

1لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.

2قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

3ئامرامنىڭ بالىلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى.

ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىدى.

4ئەلئازاردىن پىنىخاس تۆرەلدى،

پىنىخاستىن ئابىشۇۋا تۆرەلدى،

5ئابىشۇۋادىن بۇققى تۆرەلدى،

بۇققىدىن ئۇززى تۆرەلدى،

6ئۇززىدىن زىراخيا تۆرەلدى،

زىراخيادىن مىرايوت تۆرەلدى،

7مىرايوتتىن ئاماريا تۆرەلدى،

ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،

8ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى،

زادوقتىن ئاخىمائاس تۆرەلدى،

9ئاخىمائاستىن ئازاريا تۆرەلدى،

ئازاريادىن يوخانان تۆرەلدى،

10يوخاناندىن ئازاريا تۆرەلدى. (ئازاريا سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.)

11ئازاريادىن ئاماريا تۆرەلدى،

ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،

12ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى،

زادوقتىن شاللۇم تۆرەلدى،

13شاللۇمدىن خىلقىيا تۆرەلدى،

خىلقىيادىن ئازاريا تۆرەلدى،

14ئازاريادىن سىرايا تۆرەلدى،

سىرايادىن يىھوزاداق تۆرەلدى. 15پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى.

لاۋىينىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

16لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.

17گېرشوننىڭ ئوغۇللىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى.

18قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

19مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى.

ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

20گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گېرشوننىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، 21زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي.

22قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 23ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبياساف، ئەبياسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، 24ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل.

25ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 26ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات، 27ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى.

28سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.

29مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ، 30ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا.

ئىبادەتخانىدىكى نەغمىچىلەر

31-32ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇ يەرگە نەغمىچىلەرنى يېتەكلەش خىزمىتىگە قويدى. سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلدى. 33ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر تۆۋەندىكىچە:

قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى.

ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى، 34سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى، 35توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى، 36ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى، 37زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبياسافنىڭ ئوغلى، ئەبياساف كوراھنىڭ ئوغلى، 38كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ياقۇپنىڭ ئوغلى ئىدى.

39ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى، 40شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى، 41مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى، 42ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى، 43شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشوننىڭ ئوغلى، گېرشون لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.

44ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان ئىدى. ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى، 45ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى، 46خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى، 47سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.

48لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى خۇدانىڭ ئۆيى بولغان ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.

روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى

49پەقەت ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.

50ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا، 51ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا، 52زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، 53ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس ئىدى.

لاۋىيلار ياشىغان شەھەرلەر

54قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تارتىلىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

55ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارغا ئىگە بولدى. 56لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى. 57شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر* ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا، 58خىلېن، دىبىر 59ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش. 60يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى. 61قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تارتىلغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

62گېرشون جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

63مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

64شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى. 65يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

66قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. 67ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر، 68يوقمىئام، بەيت-خورون، 69ئاييالون ۋە گاترىممون. 70قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.

71گېرشون جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان، 72ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات، 73راموت ۋە ئانېم. 74ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون، 75خۇقوق ۋە رىخوب. 76نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.

77مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور، 78-79ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر. 80-81گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.



*57مۇقەددەس كىتابنىڭ «يوشۇۋا» قىسمى 20-باب، 2‏-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى