« ئەزرا »

3

ئىبادەتخانا سۇپىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى

1كۈز پەسلىنىڭ* دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 2يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى يوليۇرۇقلارغا بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئورنى مەقسىتىدە سالدى. 3ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار سەھەرلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا قىلىشقا باشلىدى.

4ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى. 5ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك، يېڭى ئاي ۋە پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيىلىرىنى تەقدىم قىلدى. 6روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.

ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

7شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.

8خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يېگىرمە ياشتىن يۇقۇرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى. 9يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ ئەر جەمەتلىرىمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى.

10ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. 11ئۇلار مەدھىيە ۋە مىننەتدارلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېيتىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ:

«پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر!

ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دېيىشتى.

ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىراپ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى. 12لېكىن بۇرۇنقى ئىبادەتخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن ياشانغان روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى ھازىرقى قويۇلغان ئۇلنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. باشقىلار بولسا قىيقاس چىقىرىپ تەنتەنە قىلىشتى. 13بۇ سادالار پەلەككە يەتكەنلىكتىن، ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.



*1يەھۇدىيلارنىڭ كالېندارى بويىچە كۈز پەسلى 7-ئايدا باشلىنىدۇ. كەپە تىكىش ھېيتى 7-ئاينىڭ 15-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى