« ئەزرا »

9

ئىسرائىللارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى

1بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ:

_ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى. 2ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. بۇ ساداقەتسىز ئىشتا ئەڭ يامىنى ئەمەلدارلار بىلەن باشلىقلار باشلامچى گۇناھكار! _ دېدى.

3مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، چاپان-چارامنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. 4تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە بولدى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر باشقا سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكلىرىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.

5كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە چاپان-چارىلىرىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ قوللىرىمنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆتۈرۈپ 6دۇئا قىلدىم:

«ئى خۇدا، ھەقىقەتەن خىجالەتمەن! سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، جىنايەتلىرىمىز چېكىگە يەتتى. 7ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن ھازىرغىچە ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ئۆتتۇق. شۇ ۋەجىدىن بىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىنغان ۋە خورلانغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.

8بىراق ھازىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا ۋاقىت مېھىر-شەپقەت قىلىپ، ئاز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەن ياشاتتى. ئۇ بىزلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە بىرئاز ئاراملىق بەردى. 9بىز قۇل ئىدۇق، بىراق ئۇ بىزنى قۇللۇقتا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردى، خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلدۇردى ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەتتى. بىزلەرنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا قوغداپ قالدى.

10ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز بۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق. 11خىزمەتكارىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: «سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر، يەرلىك ئاھالىنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغان. ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تولغان. 12ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ياكى روناق تېپىشىنى ئىزدەنمەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، بۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە بۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ مىراس قالدۇرىسىلەر.

13بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىش بىزنىڭ رەزىللىك ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، بىزگە بەرگەن جازايىڭ يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئايرىملىرىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ. 14بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ يىرگىنچلىك كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، جەزمەن غەزىپىڭنى قوزغاپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟ 15ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! ئايرىملىرىمىز قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئاز قالدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى