« يوشۇۋا »

10

جەنۇبتىكى پادىشاھلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى

1يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك، يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 2پادىشاھ ئادونى-زەدەك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ ئىدى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى. 3يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

4_ سىلەر كېلىپ گىبئون شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىمغا ياردەم بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشۈپتۇ.

5شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى _ يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 6گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز قۇللىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈپ سوراشتى.

7يوشۇۋا ئەڭ چەبدەس باتۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇننى باشلاپ، گىلگالدىن قوزغىلىپ گىبئونغا قاراپ يولغا چىقتى. 8بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

_ ئۇلاردىن قورقما، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغانمەن. ئۇلاردىن ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ، _ دېدى.

9يوشۇۋا گىلگالدىن چىقىپ، كېچىچە توختىماي يۈرۈش قىلىپ، ئامورلار قوشۇنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 10پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ، يول بويى قىرىپ مېڭىپ، ئازېقا شەھىرى ۋە ماققېدا شەھىرىگە بارغۇچە يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى. 11ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋانغا قېچىپ ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى. 12پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئامورلارنى مەغلۇپ قىلغان كۈنى، يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا: «قۇياش گىبئون ئاسمىنىدا توختاپ تۇرسۇن، ئاي ئاييالون جىلغىسىدا توختاپ تۇرسۇن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. 13شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلغۇچە، قۇياش بىلەن ئاي ئۆز جايىدا توختاپ تۇردى. قۇياشنىڭ تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئولتۇرماي، ئاسماننىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ۋەقە «ياشار» دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەمەسمۇ! 14پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.

15ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.

جەنۇبتىكى بەش پادىشاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

16ئۇرۇشتا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى قېچىپ كېتىپ، ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. 17يوشۇۋا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھىنىڭ ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 18قوشۇنلىرىغا:

_ بىرنەچچە ئادەم قورام تاشلار بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ئۇ يەرنى كۆزەت قىلسۇن. 19قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.

20يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتتى. ئاز بىر قىسمى سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى. 21ئىسرائىل قوشۇنى ماققېدادىكى قارارگاھىغا، يەنى يوشۇۋانىڭ يېنىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى.

22يوشۇۋا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ:

_ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بەش پادىشاھنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.

23ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى. 24ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە، يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرىگە:

_ بۇ پادىشاھلارنىڭ بوينىغا دەسسەڭلار! _ دېدى.

سەركەردىلەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. 25يوشۇۋا قوشۇنلىرىغا:

_ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم ھودۇقماڭلار! قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى چىقماقچى بولغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنىمۇ مۇشۇنداق كۈنگە قويىدۇ، _ دېدى.

26كېيىن يوشۇۋا بەش پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى. كەچ كىرگۈچە بۇ جەسەتلەر دەرەختە ئېسىقلىق تۇردى. 27كۈن پاتقاندا يوشۇۋا پادىشاھلارنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈرگە تاشلاپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى قورام تاشلار بىلەن ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ شۇ يەردە بار.

جەنۇبتىكى شەھەرلەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

28شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى. 29كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ، لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 30پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.

31كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ لىبناھدىن ئايرىلىپ، لاكىش شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. 32ئىككىنچى كۈنى پەرۋەردىگار لاكىش شەھىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار لىبناھ شەھىرىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. 33بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 34يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، لاكىشتىن ئايرىلىپ، ئەگلون شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. 35شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.

36يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. 37ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى.

38كېيىن يوشۇۋا يەنە ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە يېنىپ، دىبىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 39ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى.

40شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 41يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى. 42يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى. 43ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى