« يوشۇۋا »

15

يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى پاسىلى ئىدوم چېگراسىدىكى زىن چۆلىنىڭ چېتىگىچە تۇتىشاتتى.

2يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىي پاسىلى تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئەڭ چېتىدىن باشلىنىپ، 3چايان داۋىنىدىن جەنۇبقا مېڭىپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن خەزرون شەھىرىگە سوزۇلىدۇ. كېيىن ئاددار شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن قارقا شەھىرىگە قايرىلىدۇ. 4بۇ پاسىل يەنە ئازمون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. بۇ يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر.

5ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى تۇز دېڭىزىنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن تۇز دېڭىزىنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغىچە بارىدۇ.

شىمالىي پاسىلى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ تۇز دېڭىزىغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 6بەيت-خوگلا شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن بەيت-ئارابا شەھىرىدىن ئۆتۈپ رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بارىدۇ. 7كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ. 8كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ. 9بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 10ئۇ يەنە بائالا شەھىرىدىن غەربتىكى سەئىر تېغىغا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن يىئارىم، يەنى كىسالون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، بەيت-شەمەش شەھىرىگە بېرىپ، يەنە داۋاملىشىپ تىمناھ شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. 11ئۇ يەنە ئەقرون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ، شىككارون شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، بائالا تېغىغا بېرىپ، يابنىئېل شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاخىرلىشىدۇ.

12ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى ئىدى.

يەھۇدا قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ پاسىلى مانا شۇ ئىدى.

كالىبقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن

13يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقلارنىڭ ئاتىسى ئىدى. 14كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى _ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. 15كالىب قىريات-ئاربا زېمىنىدىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

16يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب:

_ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

17ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. 18بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن:

_ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. 19ئاكساھ:

_ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.

يەھۇدا قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر

20تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن شەھەرلەر.

21جەنۇبنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئىدوم چېگراسىغا يېقىن شەھەرلەر:

قابزىئېل، ئەدەر، ياگۇر، 22قىناھ، دىمونا، ئادئادا، 23قەدەش، خازور، يىتنان، 24زىف، تەلەم، بىئالوت، 25خازور-خاداتتا، قىرىيوت-خەزرون (يەنى خازور)، 26ئامام، شىما، مولادا، 27خازار-گاددا، خەشمون، بەيت-پەلەت، 28خازار-شۇئال، بەئەرشەبا، بىزيوتىيا 29بائالا، ئىيىم، ئەزەم، 30ئەلتولاد، كىسىل، خۇرماھ، 31زىقلاق، مادماننا، سانساننا، 32لىبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممونلاردىن ئىبارەت جەمئىي 29 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

33غەربىي ئېدىرلىقتىكى شەھەرلەر:

ئەشتائول، زورئاھ، ئاشناھ، 34زانوۋاخ، ئېنگاننىم، تاپپۇۋاخ، ئېنام، 35يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا، 36شائارايىم، ئادىتايىم، گىدېرا، يەنى گىدېروتايىم قاتارلىق جەمئىي 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

37بۇنىڭدىن باشقا، زىنان، خاداشا، مىگدال-گاد، 38دىلئان، مىزپەھ، يوقتىئېل، 39لاكىش، بوزقات، ئەگلون، 40كاببون، لاخماس، كىتلىش، 41گىدېروت، بەيت-داگون، نائاما، ماققېدالاردىن ئىبارەت جەمئىي 16 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 42ۋە يەنە لىبناھ، ئەتەر، ئاشان، 43يىفتاھ، ئاشناھ، نىزىب، 44قىيلاھ، ئاكزىب، مارېشا قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

45جۈملىدىن ئەقرون ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 46ۋە ئەقروندىن تارتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئاشدود يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر 47ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى.

48تاغلىق رايونلاردىكى شەھەرلەر:

شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 49دانناھ، قىريات-سانناھ (يەنى دىبىر)، 50ئاناب، ئەشتىموۋا، ئانىم، 51گوشەن، خولون، گىلوھ قاتارلىق 11 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

52ئۇنىڭدىن باشقا ئاراب، دۇماھ، ئەشئان، 53يانۇم، بەيت-تاپپۇۋاخ، ئافېقا، 54خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 55ۋە ھەم مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 56يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ، 57قايىن، گىبئاھ ۋە تىمناھ قاتارلىق جەمئىي ئون شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 58جۈملىدىن خالخۇل، بەيتزۇر، گىدور، 59مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتىقون قاتارلىق ئالتە شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار 60ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.

61چۆلدىكى شەھەرلەر:

بەيت-ئارابا، مىددىن، سىكاكا، 62نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 63لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتشكە ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار ھازىرغا قەدەر يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شۇ يەردە ياشاپ كەلمەكتە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى