« زىكىرىيا »

4

5-غايىبانە ئالامەت: چىراغدان ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى

1مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى. 2ئۇ مەندىن:

_ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى. 3چىراغداننىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار قاچىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىدى، _ دېدىم ۋە 4مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:

_ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. 5ئۇ:

_ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن:

_ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

6ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 7ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»

8پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:

9_ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سالدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا، ئۇ مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.

10قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

(يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)

11پەرىشتىدىن:

_ چىراغداننىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىكى بۇ ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم 12ۋە ئۇنىڭدىن يەنە _ ئالتۇن رەڭلىك زەيتۇن يېغى ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىككى دانە ئالتۇن نوكەشنىڭ يېنىدىكى ئىككى دانە زەيتۇن شېخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.

13ئۇ مەندىن:

_ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم. 14ئۇ ماڭا:

_ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى