« زىكىرىيا »

6

8-غايىبانە ئالامەت: تۆت ھارۋا

1ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى. 2بىرىنچى جەڭ ھارۋىسى تورۇق ئاتقا، ئىككىنچىسى قارا ئاتقا، 3ئۈچىنچىسى ئاق ئاتقا، تۆتىنچىسى چىپار ئاتقا قېتىلغانىدى، بۇ ئاتلار كۈچلۈك ئىدى.

4مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن:

_ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.

5پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار. 6قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ. 7بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر.

پەرىشتە ئۇلارغا:

_ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى. 8ئۇ مېنى يەنە چاقىرىپ:

_ مانا قارا! شىمالغا بارغان ئاتلار پەرۋەردىگارنى غەزىپىدىن ياندۇردى، _ دېدى.

يوشۇۋاغا تاج كىيدۈرۈش توغرىسىدىكى ئەمر

9پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

10_ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن. 11ئاندىن مۇشۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن بىر تاج ياسىتىپ، ئۇنى يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويغىن ۋە 12ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ‹نوتا› پەيدا بولۇپ، ئۆز تۈۋىدىن بىخلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سالىدۇ. 13مېنىڭ ئىبادەتخانامنى سالىدىغان كىشى ئۇدۇر. ئۇ پادىشاھلىق شان-شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە روھانىينىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەزىپە بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ. 14بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.»

15يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى