« چۆلدە »

3

لاۋىيلارنىڭ روھانىيلارغا خىزمەت قىلىشى

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار. 3ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى. 4لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.

5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

6_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن. 7لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن. 8ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن. 9سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن. 10سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.

11پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:

12-13_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!

لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

14پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:

15_ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.

16مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. 17لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى. 18گېرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى. 19قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. 20مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.

21گېرشونلاردىن لىبنى ۋە شىمئىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 22ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى. 23گېرشون جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىگە، يەنى كۈنپېتىش تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. 24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى. 25ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە، 26ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلارغا، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

27قوھاتلاردىن ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلدىن ئىبارەت تۆت جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 28بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس جابدۇقلارغا مەسئۇل ئىدى. 29بۇ جەمەت ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى جەنۇب تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. 30ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. 31ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

32روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.

33مىرارىلاردىن ماخلى ۋە مۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، 34ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى. 35مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى. 36-37ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

38ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى. 39مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.

تۇنجى ئوغۇللارنىڭ پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق بولۇشى

40‏ پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالغىن. 41لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن.

42-43مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئوغۇللىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 22,273 ئادەم بولدى.

44پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

45_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! 46ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ سانى لاۋىيلارنىڭ سانىدىن 273 ئادەم ئارتۇق، شۇڭا ئارتۇقىغا تۆلەم تۆلىشىڭلار كېرەك. 47ھەربىر كىشىگە بەش كۈمۈش تەڭگە تۆلىگىن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ. 48ئارتۇقىغا تۆلەنگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن، _ دېدى.

49-50مۇسا لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئۈچۈن مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي 16 كىلو 380 گىرام كۈمۈشنى 51پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى