« چۆلدە »

35

لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر

1ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. 3ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا قوي-كالىلىرىنى ۋە باشقا ماللىرىنى باقىدۇ. 4لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن شەھەرلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى شەھەر سېپىلىدىن 450 مېتىر يىراقلىققىچە سوزۇلسۇن. 5شەھەرنىڭ سىرتى تۆت تەرىپىدىن، يەنى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقىچە 900 مېتىر بولۇپ، بۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن. ئوتلاقلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ.

6لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار. 7جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن. 8ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

10_ ئىسرائىللارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، 11بىر قىسىم شەھەرلەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ يۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەردە پاناھلىنىپ، 12ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن. 13ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. 14بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۈچى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، يەنە ئۈچى كەنئان زېمىنىدا بولسۇن. 15بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولغان باشقا خەلقتىن بولسۇن، ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ.

16ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 17ئەگەر بىر ئادەم تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 18ئەگەر بىر ئادەم ياغاچ ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. 19ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن. 20ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، 21ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.

22ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، 23ياكى كۆرمەي قېلىپ، چوڭ بىر تاشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇ ئادەم بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىسا، 24جامائەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىلەن قىساس ئالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلسۇن:

25جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.

26لېكىن ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەردىن ئايرىلغان بولسا، 27قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن. 28چۈنكى ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى چوقۇم پاناھلىنىدىغان شۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. باش روھانىي ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتسا بولىدۇ. 29بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.

30ئەگەر بىرسى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن قاتىللىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلسا، چوقۇم بىرقانچە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. 31ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم جانغا جان قايتۇرۇشى كېرەك، پۇل تۆلەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ. 32پاناھلىنىدىغان شەھەردە پاناھلىنىۋاتقۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى باش روھانىي ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ.

33شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ. 34سىلەر تۇرىدىغان بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى