« چۆلدە »

34

كەنئاننىڭ چېگرالىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر، مەن سىلەرگە ئاتا قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:

3جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ، 4جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ. 5ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.

6غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.

7شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھور تېغىغىچە، 8ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە 9زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.

10شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا، 11ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە* كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ، 12ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»

13مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر. 14رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى. 15بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.

16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

17_ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى. 18ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن. 19تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،

20شىمون قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل،

21بىنيامىن قەبىلىسىدىن: كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،

22دان قەبىلىسىدىن: يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى،

23يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل،

24يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل،

25زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان،

26ئىسساكار قەبىلىسىدىن: ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل،

27ئاشېر قەبىلىسىدىن: شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد،

28نافتالى قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل.

29يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.



*11جەلىلىيە كۆلى _ كىننەرەت كۆلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى