« سەردارلار »

10

تولاھ ۋە يائىرنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

1ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى. 2ئۇ ئىسرائىللارغا 23 يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن شامىرغا دەپنە قىلىندى.

3تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى. 4يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار ئىدى. بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا بولۇپ، ھازىرمۇ «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 5يائىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قامون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.

ئاممونلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئېزىشى

6ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا سۈرىيە، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.

7شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 8شۇنىڭدىن باشلاپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلار ئىسرائىللارنى ئېزىپ، زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان گىلئاد زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئىسرائىللار 18 يىل قاتتىق ئېزىلدى. 9ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى.

10ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا:

_ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى. 11پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا:

_ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟ 12سىدونلۇقلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار سىلەرنى ئەزگەن چاغدا، سىلەر ماڭا نالە قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. 13ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مەن سىلەرنى قۇتقۇزمايمەن. 14بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار تاللىۋالغان ئىلاھلىرىڭلارغا يېلىنىڭلار! مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، _ دېدى.

15ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ:

_ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.

17ئاممونلار يېتىپ كېلىپ گىلئاد زېمىنىغا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىگە بارگاھ قۇردى. 18گىلئادلىق ئاقساقاللار بىر-بىرىگە:

_ كىم ئاۋۋال ئاممونلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ بىز گىلئادلىقلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ، _ دېيىشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى