« سەردارلار »

7

گىدئوننىڭ مىديانلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1شۇنىڭ بىلەن يىرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى، ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى.

2پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ. 3سەن ئۇلارغا: «كىم دۈشمەندىن قورقۇپ يۈرىكى سېلىپ كەتسە، دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى.

4پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە:

_ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى.

5گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن، سۇنى قولىغا ئېلىپ تىلى بىلەن ئىتقا ئوخشاش يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن، سۇنى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى.

6300 ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچتى، قالغانلىرى سۇغا ئېڭىشىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچتى. 7پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن شۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى.

8گىدئون 300 ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغالىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى.

9شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. 10ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 11ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى. 12مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى.

13گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى:

_ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن، 14ئۇنىڭ ھەمراھى:

_ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، _ دېدى.

15گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە:

_ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.

16گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ، 17ئۇلارغا:

_ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار. 18مەن ۋە مېنىڭ توپۇمدىكىلەر بۇرغا چالغاندا، سىلەرمۇ بارگاھ ئەتراپىدا بۇرغا چېلىڭلار ۋە «پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن!» دەپ ۋارقىراڭلار، _ دېدى.

19گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى، 20شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ:

_ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.

21ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى. 22گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆز قىلىچلىرى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى. 23نافتالى، ئاشېر ۋە پۈتۈن ماناسسەدىكى ئىسرائىللار زېمىنلىرىدىن چىقىپ مىديانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا چاقىرىلدى.

24گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەرمۇ چۈشۈپ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلىپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.

ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلدى. 25ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار «ئورېب قورام تېشى»نىڭ ئۈستىدە ئورېبنى ئۆلتۈردى، «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلى»دا زىئېبنىمۇ ئۆلتۈردى. ئۇلار مىديانلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى