« سەردارلار »

5

دىبورا بىلەن باراقنىڭ مەدھىيەسى

1ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى:

2«سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا،

خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا،

ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!

3ئەي پادىشاھلار ئاڭلاڭلار!

ئەي ئەمىرلەر قۇلاق سېلىڭلار!

نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن،

ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن.

4ئى پەرۋەردىگار،

سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا،

ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا،

زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار،

تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.

5سىلكىندى تاغلار سىنايدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە،

ئىسرائىللار خۇداسى _ پەرۋەردىگار ئالدىدا.

6يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا،

ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا.

7مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا،

چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.

8ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا،

نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا،

قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا.

9قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىلنىڭ سەركەردىلىرىگە،

مايىلدۇر ئىسرائىل پىدائىيلىرىغا.

مەدھىيە بولسۇن پەرۋەردىگارغا!

10ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر،

ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار،

يولدا پىيادە ماڭغانلار،

مەدھىيە ئېيتىڭلار ھەممىڭلار.

11ئاڭلاڭلار، قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى،

ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى،

ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى.

يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.

12ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان!

ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر!

ئويغان، مەدھىيە ياڭرات!

ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!

13يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى،

چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى.

14خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى،

ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى،

ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى،

سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى.

15ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىللە كەلدى،

ئىسساكارلار بىلەن باراقمۇ ھەم بىللە كەلدى،

ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا جىلغىغا چۈشتى،

ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى.

16نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟

يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟

شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا.

17گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا.

توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟

قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟

18لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى،

نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.

19جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى،

كېلىپ مىگىددو ئۆستىڭى بويىدىكى تاناكقا،

لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈشلەردىن ئولجىغا.

20جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن،

ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن.

21ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى،

ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن.

دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا.

22توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى،

تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.

23پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى:

‹مېروز ئاھالىسىغا لەنەتلەر بولسۇن،

مېروز خەلقىگە لەنەتلەر ياغسۇن،

ھەمدەمدە بولمىدى پەرۋەردىگارغا،

زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›

24قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل،

ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە،

ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا.

25سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل،

شاھانە چىنىدە قېتىق سۇنغان يائېل.

26سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ،

ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ،

كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ،

قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ.

27چۈشتى يەرگە يىقىلىپ سىسىرا،

ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا،

يەرگە يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەنلا،

جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا!

28سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا،

ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا.

نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق:

‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟

نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟›

29ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى،

ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق:

30‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر،

تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار،

ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر،

ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.›

31ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي!

دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!»

شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى