« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

17

يىھوشافاتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى

1پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇستەھكەملىدى. 2يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىم شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى. 3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى، چۈنكى ئۇ ئەجدادى داۋۇت بۇرۇن قىلغاندەك ئىشلارنى قىلدى، بائالغا چوقۇنمىدى. 4ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى. 5شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى. 6ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.

7يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى. 8لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. 9ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنى ئېلىپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، خەلققە تەلىم بېرىشتى.

10يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى يات ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 11بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكىنى ئولپان قىلىپ تاپشۇردى. 12يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلىرىنى سالدۇردى. 13يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى.

يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. 14بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 15مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 16يەنە بىر مۇئاۋىن تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى. 17بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 18مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 19يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خاس لەشكەرلىرى بولۇپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەن لەشكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى