« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

22

پادىشاھ ئاخازيا

1يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسى يىھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىلىرىنى ئەرەبلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەر بارگاھقا ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. 3ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، 4پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولدى ۋە ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى.

5ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. 6شۇنىڭ بىلەن ئۇ يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى. 7لېكىن ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنىڭ سەۋەبى بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى. ئاخازيا يورامنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىدا، ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغانىدى. پەرۋەردىگار بولسا، يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلىشى ئۈچۈن تاللىغانىدى. 8يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى قەتل قىلغان ۋاقتىدا، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ھەمدە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى. 9يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، يېھۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. لېكىن ئۇنى يەنىلا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولغانلىقى ۋە يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى.

ئاتاليانىڭ يەھۇدىيەدە زوراۋانلىق قىلىشى

10ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ بارلىق ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى. 11لېكىن پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى يىھوشەبا پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، يەنى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ۋە ئاخازيانىڭ سىڭلىسى بولغان يىھوشەبا بالىنى ئاتاليادىن يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى قەتل قىلالمىدى. 12ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يوئاش ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى