« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

20

يىھوشافاتنىڭ غەلىبىسى

1كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. 2خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى.

3يىھوشافات قورقۇپ كەتتى. ئۇ چىن دىلى بىلەن پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەش قارارىغا كېلىپ، پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى. 4پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى. 5يىھوشافات پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، 6مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

_ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. 7ئى خۇدايىمىز، سەن ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇشۇ تۇپراقتا ياشىغان خەلقلەرنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟! 8سېنىڭ خەلقىڭ بۇ تۇپراقتا ياشاپ، سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس ئىبادەتخانا بەرپا قىلىپ: 9«ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى كېسەللىك ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن مەلۇم بىر ئاپەتكە ئۇچرىساق، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ۋە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، چەككەن ئەرزىيەتلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋېتىشىڭ ئۈچۈن سەندىن ياردەم تەلەپ قىلساق، سەن چوقۇم نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن. چۈنكى سېنىڭ نامىڭ بۇ ئىبادەتخانىدا بار» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟

10سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئىسرائىللارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارغا دەخلى قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىغانىدى. 11لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ تۇپراقتىن ھەيدىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. 12ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق، بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.

13يەھۇدىيە ئەرلىرى ئاياللىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. 14پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەت ئارىسىدا تۇرغان ياخازىئېلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ياخازىئېل لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ ماتتانيانىڭ چەۋرىسى، يىئىئېلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىدى. 15ياخازىئېل مۇنداق دېدى:

_ ئەي پادىشاھ يىھوشافات ئالىيلىرى، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى! سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ بەك كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر. 16ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. دۈشمەن زىز جىلغىسى بىلەن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن يىرۇئېل چۆلىدە ئۇچرىشىسىلەر. 17سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت جايىڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، ئورنۇڭلاردىن مىدىرلىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، يەھۇدىيەلىكلەر! قورقماڭلار، ئالاقزادە بولماڭلار. ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»

18شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويدى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى بېشىنى يەرگە قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 19قوھات ۋە كوراھ نەسلىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.

20ئەتىسى جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەزمۇت تۇرىسىلەر، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنسەڭلار، غەلىبە قىلىسىلەر.

21يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىچىلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدى. 22ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىگىلى باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىگە بۆكتۈرمە قويۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلار ۋە ئاممون، موئاب لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. 23ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.

24يەھۇدىيەلىكلەر چۆلنى كۆرەلەيدىغان جايدىن دۈشمەن لەشكەرلىرىگە نەزەر تاشلاشتى. ئۇلار كۆردىكى، پۈتۈن دالا دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغانىدى. 25يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپلۈكىدىن ئۇلار بىر قېتىمدا توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشىدى. 26تۆتىنچى كۈنى ئۇلار بىر جىلغىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. (شۇندىن باشلاپ بۇ جىلغىنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە بىراكا [مەنىسى «بەخت»] جىلغىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)

27يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى. 28ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى-دە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 29پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئەتراپىدىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى. 30يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى، چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى.

31يىھوشافات يەھۇدىيەدە تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. 32يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 33بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى.

34يىھوشافات پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان خانانىنىڭ ئوغلى «يېھۇنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. 36ئۇلار تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كېمىلەرنى ياسىتىشقا كېلىشتى. بۇ كېمىلەرنى ئەزيون-گەبەردە ياساتتى. 37شۇنىڭ بىلەن دوداۋانىڭ ئوغلى مارېشالىق ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ:

_ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقاچقا، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر پارچىلىنىپ كېتىپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى