« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

34

خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنىڭ تېپىلىشى

1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.

3يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى. 4خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا بائال ئىلاھىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋە ئويما، قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. 5ئۇلارنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىدا كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى پاكلىدى. 6ئۇ يەنە ماناسسە، ئەفرايىم، شىموننىڭ شەھەرلىرىدىكى ۋە يىراقتىكى نافتالىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خارابىلىكلەردە 7قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇردى. ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ۋە باشقا بۇتلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدۇردى. ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئىسرىقدانلارنى چاقتۇردى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

8يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلاش نىيىتىگە كەلدى. شۇڭا ئۇ ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى. 9لاۋىيلاردىن بولغان مۇھاپىزەتچىلەر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكەلگەن پۇللارنى ئىسرائىلىيەدىكى ماناسسە، ئەفرايىم ۋە باشقا قەبىلىلەر، شۇنداقلا يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ھەم يېرۇسالېم ئاھالىلىرىدىن يىغقانىدى. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، 10پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى. 11قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىغا كېتىدىغان ياغاچلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.

12-13قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرى سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.

14ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يىغىلغان پۇللارنى ئېلىۋاتقاندا، باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن قانۇنىنىڭ بىر يازمىسىنى تاپتى. 15خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:

_ مەن ئىبادەتخانىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.

16شافان يازمىنى ئېلىپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ بىزكى خىزمەتكارلىرى ئۆزلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىمىز. 17پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. 18ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا:

_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.

19پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇندىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ۋەھىمىگە چۈشۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى. 20ئۇ خىلقىياغا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا:

21_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ھەم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىكى ئامان قالغانلار ئۈچۈن، تېپىلغان يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.

22شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار خۇلداھتىن مەسلىھەت سورىدى.

23خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار: 24‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى بارلىق قارغىشلاردەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن، 25چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە ياغىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».

26-27خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن مېنىڭ بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 28قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›».

ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.

29پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى.

30پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. 31پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئىتائەت قىلىپ، بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

32ئاندىن پادىشاھ پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگۈزدى. شۇڭا يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلدى. 33يوشىيا پادىشاھ ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى