« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

25

ئامازيانىڭ ئىدوم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. 2ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىن دىلى بىلەن قىلغان ئەمەس ئىدى.

3ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. 4لېكىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

5ئامازيا يەھۇدىيەلىكلەرنى يىغىپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بويىچە مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتەلەيدىغان ھەم ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان كىشىلەرنى ساناپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 300 مىڭ سەرخىل ئادەم ئىدى. 6ئۇ يەنە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشكە ئىسرائىلىيەدىن 10 مىڭ خىللانغان لەشكەر ياللىدى. 7ئەمما بىر پەيغەمبەر ئامازيانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سىلى بىلەن بىرگە بارمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە يار ئەمەستۇر. 8سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر.

9پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن:

_ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر.

10شۇنىڭ بىلەن ئامازيا ئىسرائىلىيەدىن ياللىغان لەشكەرلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئايرىدى. ئۇلار يەھۇدىيەلىكلەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغان ھالدا غەزەپ بىلەن ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولۇشتى.

11ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى. 12ئۇلار يەنە 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇ يەردىكى قىيا تاشلاردىن پەسكە يىقىتىپ، سۆڭەكلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. 13لېكىن ئامازيا قايتۇرۇۋەتكەن، يەنى ئۇرۇش قىلىشقا چىقالمىغان ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سامارىيەدىن بەيت-خورونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن مال-دۇنيانى بۇلاپ كەتتى.

ئامازيانىڭ ئىسرائىلىيەگە مەغلۇپ بولۇشى

14ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە خۇدا قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى. 15شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىلاھلار ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغانىكەن، يەنە نېمىشقا ئۇلارغا چوقۇنىسەن؟

16پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

_ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟

پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

_ مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ سېنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سەن سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭ.

17شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ:

_ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

18ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى:

_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ. 19سىز: «مەن ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم» دەپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، خورىكىڭىز ئۆسۈپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟

20لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدانىڭ ئىرادە قىلغىنى بويىچە بولدى. ئەسلى خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى. چۈنكى ئۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانىدى. 21شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. 22يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 23ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى _ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئاخازيانىڭ نەۋرىسىنى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. 24ئۇ بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئوبېد-ئىدومنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بايلىقلارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى.

25يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. 26ئامازيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 27ئامازيا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقتىدىن باشلاپ، يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانىدى. كېيىن ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 28ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ پايتەختى يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى