« لاۋىيلار »

10

ناداب ۋە ئابىھۇنىڭ ئۆلۈمى

1ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئوتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىشكە ئەمر قىلمىغانىدى. 2شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى. 3شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا:

_ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.

4مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئېلنىڭ ئوغۇللىرى مىشائېل ۋە ئەلزافاننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:

_ كېلىڭلار، قېرىندىشىڭلارنىڭ جەسىتىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

5ئۇلار كېلىپ، مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە تونچە كۆڭلەك بىلەن ياتقان جەسەتلەرنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

6مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ. 7لېكىن سىلەر ئۇلارغا ھازا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدىن چىقماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس يېغى ئۈستۈڭلارغا قۇيۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەندىڭلار.

ئۇلار مۇسانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتتى.

8پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

9_ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار. 10سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار. 11سىلەر مەن مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار.

12مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر. 13سىلەر ئۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان بۇ تائام ھەدىيەلىرى سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئۈلۈشلىرىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئەمرىدۇر. 14پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر. 15پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاش تائام ھەدىيەسىنىڭ مېيى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنسۇن. بۇلار سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.

16شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:

17_ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟ 18بۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسەڭلار بولاتتىغۇ!؟

19ھارۇن مۇساغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ قارا، بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى قائىدە بويىچە سۇندۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەنىلا مۇشۇنداق قازاغا مۇپتىلا بولدۇم. ئەگەر مەن بۈگۈن بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى يېگەن بولسام، پەرۋەردىگار قوبۇل قىلاتتىمۇ؟

20مۇسا ھارۇننىڭ جاۋابىدىن رازى بولدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى