« لاۋىيلار »

26

ئىتائەتمەنلەر ئېرىشىدىغان بەخت

1«ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

2دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

3ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار، 4سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ. 5خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر. 6مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ. 7سىلەر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ يېتىشەلەيسىلەر، ئۇلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ. 8بەشىڭلار يۈز ئادەمنى، يۈزۈڭلار تۈمەن ئادەمنى قوغلايسىلەر، دۈشمىنىڭلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ. 9مەن سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن، نەسلىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاۋۇتىمەن ھەم سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 10سىلەر ساقلىغان كونا ئاشلىقىڭلارنى يەپ بولالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى ئاشلىق بىلەن تولدۇرىسىلەر. 11ئاراڭلاردا ماكان تۇتىمەن. مەن سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. 12مەن ئاراڭلاردا بولۇپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. 13مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى داۋاملىق مىسىرلىقلارنىڭ قۇلى بولمىسۇن دەپ، ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. بوينۇڭلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلىدىم، سىلەر ئەمدى قەددىڭلارنى رۇسلايسىلەر.»

ئىتائەتسىزلەرگە بېرىلىدىغان جازا

14«ئەگەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، ئەمرلىرىمگە، 15بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، قائىدە-تۈزۈملىرىمدىن نەپرەتلەنسەڭلار، پەرمانلىرىمغا پەرۋا قىلماي، مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزساڭلار، 16مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ. 17مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.

18ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن. 19ھەيۋەڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇقۇڭلارنى سۇندۇرىمەن، ئاسماننى تۆمۈر، يەرنى تۇچتەك قاتتىق قىلىمەن. 20مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.

21سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن. 22ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ.

23ئەگەر سىلەر يەنىلا ئىبرەت ئالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، 24مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن. 25سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر. 26سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.

27ئەگەر سىلەر يەنىلا مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، 28مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن. 29سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر. 30مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن. 31شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن. 32مەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەنكى، ئۇنى ئىگىلىگەن دۈشمىنىڭلارمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ. 33مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 34سىلەر ئەسىر ئېلىنىپ دۈشمىنىڭلارنىڭ ئەللىرىگە ئەكېتىلگەن ۋاقتىڭلاردا، يېرىڭلار دەم ئالىدۇ ۋە ئاخىرى چۆللىشىپ، دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. 35يېرىڭلار قانچە ئۇزۇن چۆللۈكتە تۇرسا، شۇنچە ئۇزۇن دەم ئالىدۇ، چۈنكى سىلەر يۇرتۇڭلاردا ياشىغان ۋاقىتلاردا، يېرىڭلارنى دەم ئېلىش يىللىرى دەم ئالدۇرمىغانىدىڭلار.

36ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر. 37گەرچە سىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قاچقاندەك قېچىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىسىلەر. دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىلەر. 38سىلەر يات ئەللەردە ئۆلىسىلەر، ئۆلۈكۈڭلار دۈشمىنىڭلارنىڭ زېمىنىدا قالىدۇ. 39ھايات قالغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا ئازاب چېكىسىلەر.

40لېكىن سىلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، يەنى ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىڭلار ۋە قارشىلىقلىرىڭلارنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. 41ئەۋلادلىرىڭلار مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ، سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ يېرىگە پالىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تاشلاپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن، 42مەن ياقۇپ بىلەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئىبراھىم ۋە ئىسھاق بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەم بۇ زېمىننى ئەسكە ئالىمەن. 43لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى. 44ئەمما ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن ۋە ئۆچ كۆرمەيمەن ھەمدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇدەك ۋە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك دەرىجىدە نەپرەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن. 45مەن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

46يۇقىرىدىكى ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى