« لاۋىيلار »

14

تېرە كېسىلىدىن پاكلىنىش توغرىسىدا

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ تېرە كېسىلىدىن ساقايغۇچىنىڭ پاكلىنىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:

تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ساقايغاندىن كېيىن، روھانىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، 3ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا، 4ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن. 5روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن. 6ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن. 7ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن. 8پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.

9يەتتىنچى كۈنى يەنە چاچ-ساقىلى، قاشلىرى ۋە بەدىنىدىكى پۈتۈن تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كىيىم-كېچىكىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئاندىن بۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ.

10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن. 11پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.

12ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 13پاقلاننى روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، يەنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا بوغۇزلىسۇن. ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئوخشاش روھانىيغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 14روھانىي ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. 15روھانىي يەنە سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، 16ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 17ئاندىن ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە، يەنى پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتسۇن. 18روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.

19ئاندىن روھانىي بىر ياشلىق ساغلىقنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، پاكلانغۇچىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئاتالغان يەنە بىر ئەركەك پاقلاننى بوغۇزلاپ، 20ئۇنى ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن بىرگە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن ۋە ئۇ كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن، شۇندىلا ئۇ كىشى پاكلىنىدۇ.

21ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 22ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن.

23سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن. 24روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلان ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 25ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلاننى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. 26روھانىي سول ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، 27ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 28ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىقىنىدىكى زەيتۇن يېغىدىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا، يەنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە سۈرتسۇن. 29روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئۇنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ، ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. 30ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، 31بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇلارغا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ قوشسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.

32بۇلار تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن پاكلىنىش رەسمىيىتىگە كېرەكلىك قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەردۇر.

كۆكەرگەن ئۆينى پاكلاش توغرىسىدا

33پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

34_ سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىن كەنئانغا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى كۆكەرتىپ قويسام، 35ئۆي ئىگىسى: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تاملىرى كۆكىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ» دەپ روھانىيغا مەلۇم قىلسۇن. 36ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ناپاك دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، روھانىي ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۆينى بوشاتقۇزسۇن. ئاندىن روھانىي ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ كۆكەرگەن يېرىنى تەكشۈرسۇن. 37تامدا سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ رەڭدىكى ئالامەتلەر بايقالسا ھەم تامنىڭ ئىچىگە قاراپ يېيىلغان بولسا، 38روھانىي ئۆينى يەتتە كۈن پېچەتلىسۇن. 39يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا، 40كۆك يېيىلىپ كەتكەن جايدىكى تاشلارنى چىقىرىپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلاشقا ئەمر قىلسۇن. 41ئۆي ئىچىدىكى تاملارنىڭ سۇۋاقلىرىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تۆكۈشكە ئەمر قىلسۇن. 42ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن.

43تاشلار چىقىرىۋېتىلىپ، سۇۋاقلىرى قىرىلىپ، يېڭىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يەنە كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، 44روھانىي بېرىپ تەكشۈرسۇن. ئەگەر تامدىكى كۆك ئەتراپىغا يامراپ كەتكەن بولسا، ئۇ يامان سۈپەتلىك كۆكتۇر، ئۆي ناپاك ھېسابلانسۇن. 45ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى بۇزۇپ، تاش، ياغاچ، كاكىللىرىنى شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلىۋەتسۇن. 46ئۆي پېچەتلەنگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەم ئۇ ئۆيگە كىرسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 47ئاشۇ ئۆيدە تۇرغان، تاماق يېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيسۇن.

48لېكىن روھانىي بېرىپ يېڭىدىن سۇۋالغان ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ تاملىرىدا كۆك بايقىمىسا، ئۆينى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى تامدىكى كۆك يوقالغاندۇر. 49روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىغا ئىككى قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ كەلسۇن. 50ئاندىن قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىسۇن. 51ئۇنىڭدىن كېيىن ساپال قاچىغا قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ، لېپەكگۈل ۋە ئىككىنچى تىرىك قۇشنى چىلاپ، قان تېمىتىلغان سۇنى ئۆيگە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 52روھانىي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆينى پاكلىسۇن. 53ئاندىن تىرىك قۇشنى شەھەر سىرتىدىكى دالاغا قويۇۋەتسۇن. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ.

54يۇقىرىدىكىلەر تېرە كېسىلى، تەمرەتكە، 55كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاختىلىشىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى، 56ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. 57يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر پاك ياكى ناپاكلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى