« لاۋىيلار »

2

ئاشلىق ھەدىيەسى

1_ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن. 2ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 3قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

4ئەگەر تونۇردا يېقىلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ياكى يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار سۇنسۇن.

5ئەگەر تاۋىدا پىشۇرۇلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندا پىشۇرۇلغان پېتىر نان سۇنسۇن. 6پېتىر ناننى پارچىلاپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر.

7ئەگەر قازاندا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇندا قىلىنغان ۋە زەيتۇن يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى سۇنسۇن.

8ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قايسى ئۇسۇلدا تەييارلانغىنىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. روھانىي ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسۇن 9ۋە ئۇنىڭدىن ئازراق ئوشتۇپ ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 10قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

11ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ. 12لېكىن تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن قىلىنغان يېمەكلىككە خېمىرتۇرۇچ ۋە ھەسەل قوشۇپ ماڭا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى مەن خۇدانى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. 13بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىگە تۇز سېلىنسۇن. تۇز مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر، تۇز سېلىنمىغان بىرەر ھەدىيە بولمىسۇن.

14بىرەرسى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن ماڭا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى داننى ئوتتا قورۇپ، ئاندىن يارما قىلىپ، 15ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ۋە مەستىكى رۇمى قوشسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر. 16روھانىي بۇغداي يارمىسى بىلەن زەيتۇن يېغىدىن ئازراق ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى